- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ج خ مىنىستىرلىقى 130 دىن ئارتۇق تۈرلۈك لىنىيەلىك مۇلازىمەتنى يولغا قويىدۇ، قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان جەرىمانىنى توردا تاپشۇرغىلى بولىدۇ
2015.07.24 16:51 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى :ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى ھۆكۈمەت تەرەپ مىكرو بىلوگىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ج خ مىنىستىرلىقى بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن ، ج خ مىنىستىرلىقى ئاممىغا يۈزلەنگەن ئالاقە تورى قاتناش بىخەتەرلىكىنى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت - باشقۇرۇش سۇپىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، تور بېتى ، يان تېلېفون ، قىسقا ئۇچۇر ، تاۋۇشلۇق تېلېفون قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ، 10 چوڭ تۈر ، 130 دىن ئارتۇق تۈر تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ .
تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، بۇ خىل مۇلازىمەت يولغا قۇيۇلغاندىن كىيىن، شوپۇرلۇق ئىمتىھانى ئالدىن كېلىشىش ، نومۇر تاختىسى ۋە كىنىشكا بېجىرىش ئۈچۈن قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى ياكى قاتناش ساقچى ئەترىتىگە بارمىسىمۇ بولىدىكەن، قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە جەرىمانە پۇلى تاپشۇرۇش قاتارلىق ئىشلاردا بېرىپ-كىلىپ يۈرمىسىمۇ مۇلازىمەت - باشقۇرۇش سۇپىسىدا بىرتەرەپ قىلغىلى بولىدىكەن ، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى يىللىق تەكشۈرۈش ، ھەيدەش كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈش ، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغاندا خاتىرىلەنگەن نومۇر ، شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ تەربىيىلەش سۈپىتى ، ئىمتىھان مەيدانى ئىمتىھانى پىلانى ، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى نومۇر تاللاش بۆلىكىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇچۇرلارنى مۇلازىمەت - باشقۇرۇش سۇپىسىدا ھەرۋاقىت تەكشۈرگىلى بولىدىكەن. نومۇر تاختىسىنى توردا ئىلتىماس قىلغىلى، پوچتا ئارقىلىق يەتكۈزۈشكە بولىدىكەن. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر