خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى 23-ئىيۇل ئۈن-سىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاسترونوملارنىڭ كېپلېر ئالەم تېلېسكوپى ئارقىلىق، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان بەلباغدا، يەرشارى بىلەن چوڭ-كىچىكلىكى ئاساسەن ئوخشىشىدىغان، قۇياشقا ئاساسەن ئوخشىشىدىغان تۇرغۇن يۇلتۇزنى چۆرىدەپ ئايلىنىدىغان قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى تۇنجى سەييارىنى بايقىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.
بۇ سەييارىگە كېپلېر-452b دەپ نام بېرىلگەن بولۇپ، ھەجمى يەرشارىدىن %60 چوڭ، ئوربېتىسىدا ئايلىنىش دەۋرى 385 كۈن، ئۇ چۆگىلەپ ئايلىنىدىغان تۇرغۇن يۇلتۇزمۇ قۇياش بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، 6 مىليارد «ياش»قا كىرگەن، قۇياشتىن بىر مىليارد 500 مىليون ياش چوڭ، تېمپىراتۇرىسىمۇ قۇياش بىلەن ئوخشىشىدىغان بولۇپ، ماسسىسى قۇياشتىن %4 چوڭ، دىئامېتىرى قۇياشتىن %1 چوڭ، قۇياشتىن %20 يورۇق ئىكەن.
600 مىليون دوللار خەجلەنگەن كېپلېر ئالەم تېلېسكوپى 2009-يىلى 3-ئايدا قويۇپ بېرىلگەن، دۇنيادىكى تۇنجى مەخسۇس قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى يەرشارىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان سەييارىلەرنى ئىزدەيدىغان ئالەم ئۇچقۇرى ئىكەن. 2013-يىلى كېپلېر تېلېسكوپىنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈسكۈنىسىدە كاشىلا كۆرۈلگەنلىك سەۋەبىدىن بىراك قىلىنغانلىق جاكارلانغان ئىدى، بىراق ئالىملارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۆتكەن يىلى 5-ئايدا «تىرىلگەن» ئىدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى