خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ24 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:23-ئىيۇل، 2015-يىللىق بېيجىڭ يازلىق ئۈنچە- مەرۋايىت كۆرگەزمىسى بېيجىڭ جۇڭگو خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە 1000غا يىقىن كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلىنغان بولۇپ دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن كەلگەن 400غا يىغىن ئۈنچە – مەرۋايىت سودىگىرى كۆرگەزمىگە قاتناشقان. كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ ئالماس، يېشىل قاشتېشى، كەھرىۋا، مارجان، زۇمرەت قاتارلىق كۆپ خىل ئۈنچە - مەرۋايىت كۆرگەزمە قىلىنغان.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى