باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئېغىر كېسەل داۋالاش سۇغۇرتىسى» توغرىسىدا يەتتە سۇئال: كىم مەنپەئەتلىنىدۇ؟ مەبلەغ قەيەردىن كېلىدۇ؟ قانداق يولغا قويۇلىدۇ؟

2015.07.27 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كىشىلەر تۇيۇقسىز ئېغىر كېسەلنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئائىلىلەرنى«30 يىل جاپا تارتىپ، بىر كېسەل بىلەنلا ئازادلىقتىن بۇرۇنقى ھالەتكە قايتتى» دەپ تەسۋىرلەيدۇ. ھازىر تۈزۈم بويىچە كۆپلىگەن رايونلاردا ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولسىلا، ئادەتتىكى ئائىلىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئاپەت خاراكتېرلىك بېسىم پەيدا قىلىدۇ. لى كېچياڭ زۇڭلىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 22- ئىيۇل گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا شەھەر، يېزا ئاھالىسى ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش مۇقىملاشتۇرۇلدى. بۇ تەدبىر تىببىي دورا ۋە داۋالىنىش ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ كېسەل سەۋەبى بىلەن نامراتلىشىپ كېتىشى، كېسەل سەۋەبى نامرات ھالەتكە قايتىشىنى كۆزدە تۇتقاندا، شەھەر، يېزا ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ ئاخىرقى چېكىنى ساقلاپ قىلىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى»دېگەن نېمە؟

  شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى 2- قېتىملىق ئاتچوت قىلىش

  «ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى» يەنى شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى ھۆكۈمەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن مەبلەغ ئاجرىتىپ، سودا سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرىدىن ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى سېتىۋىلىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار يۇقىرى سوممىلىق داۋالىنىش ھەققى بىلەن ئېغىر كېسەلنى داۋالاتقاندا، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئاتچوت قىلغاندىن كېيىن، شەخس بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن داۋالىنىش خىراجىتىنى ئۈستىگە ئېلىش، «2- قېتىملىق ئاتچوت قىلىش»دەپ ئاتىلىدۇ. دېمەك، سوغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ يىلدا داۋالىنىش خىراجىتى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئەڭ كۆپ چىقىم قىلىش چەكلىمىسىدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى ئارقىلىق تۆلىسە بولىدۇ.

  «ئېغىر كېسەل» قانداق بېكىتىلىدۇ؟

  يۇقىرى سوممىلىق داۋالاش خىراجىتى دائىرىسىنى بەلگىلەش ئۆلچىمى قىلىنىدۇ

  «ئېغىر كېسەل» دائىرىسىنى بەلگىلەش ئوخشىمايدۇ. بۇ قېتىم يۇقىرى سوممىلىق داۋالاش خىراجىتىنى دائىرىسىنى بەلگىلەش ئۆلچىمى قىلىش، قىسمەن ئېشىپ كەتكەن خىراجەتنى ئۈستىگە ئالسا، ئائىلىگە ئاپەت خاراكتېرلىك داۋالاش چىقىمى ئېلىپ كېلىشى، كېسەل بىلەن نامراتلىشىپ كېتىش، كېسەل بىلەن نامرات ھالەتكە قايتىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، مانا بۇ ئېغىر كېسەل. ئۆسمە ئېغىر كېسەل، ئادەتتىكى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلنىڭ بىر قېتىملىق داۋالىنىش خىراجىتى كۆپ بولماسلىقى مۇمكىن، بىراق يىللىق جەمئىي داۋالىنىش خىراجىتى كۆپ بولىدۇ، دېمەك بۇ ئېغىر كېسەل ئۆلچىمىگە يەتتى دېگەنلىك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر