باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چېن يوڭخۇا: ياپونىيەنىڭ «جۇڭگو تەھدىتى سەپسەتىسى» ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ

2015.07.24 15:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ ياپونىيەدىكى باش ئەلچىسى چېن يوڭخۇا تۈنۈگۈن ياپونىيە مۇخبىرلار كۇلۇبىدا نۇتۇق سۆزلىدى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ ياپونىيەنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتى سىياسىتىنى تەڭشىگەنلىكىگە كۆڭۈل بۆلدى ھەمدە ياپونىيەنىڭ «جۇڭگو تەھدىتى سەپسەتىسى»نى تەرغىپ قىلغانلىقى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ دەپ كۆرسەتتى.

  چېن يوڭخۇا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىدە مەسىلىنىڭ كۆپ يۈز بېرىشىدە يۈزەكى جەھەتتىن ئېيتقاندا تارىخىي ئاداۋەتلەر ۋە مەنپەئەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش توقۇنۇشىدىن بولدى، چوڭقۇر قاتلامدىن ئېيتقاندا ئۆزئارا تونۇش ۋە ئورۇن بەلگىلەشنىڭ مۇناسىۋىتى ئېنىق بولمىغانلىقتىن، بىر بىرىنىڭ تەرەققىيات مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلالمىغانلىقىدىن بولدى.

  ئۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشتىكى ئىزچىل مەيدانىنى قايتا تەكىتلىدى، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونى تەرەققىيات پۇرسىتى دەپ بىلىشى ھەمدە سەمىمىي نەزىرىنى جۇڭگونىڭ ئالاقىدار رايون ھەمكارلىقى تەشەببۇسىغا قارىتىپ، رايون تەرەققىيات قۇرۇلۇشىغا بىرلىكتە قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  چېن يوڭخۇا شۇنىڭ بىلەن بىرگە ياپونىيەدىكى جۇڭگونى ئەيىپلەيدىغان سۆز ھەرىكەتلەرگە قارىتا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تارىخىي مەسىلىلەر سەۋەبلىك زىددىيەتلەرنى ياپونىيە پەيدا قىلدى، جۇڭگو ياپونىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تارىخىنى پەردازلاش ۋە ئىنكار قىلىشىغا زۆرۈر ئىنكاسلارنى قايتۇردى.

  ياپونىيە رادىيو جەمئىيىتى، «كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى»، فىرانسىيە ئاگېنتلىقى قاتارلىق ياپونىيەنىڭ ئىچى سىرتىدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلار مۇخبىرلار كۇلۇبىنىڭ پائالىيىتىگە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر