باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالىيە مىنىستىرلىقى بەش يىل ئىچىدە ئۈلگە كۆرسىتىش، باشلامچىلىق قىلىش رولىغا ئىگە 300 تايانچ كەسپىي مائارىپ گۇرۇھى قۇرۇلىدۇ، دېدى

2015.07.24 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 23-ئىيۇل تېلېگراممىسى. مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا بېسىپ تارقاتقان «كەسپىي مائارىپنى گۇرۇھلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا پىكىر»دە مۇنداق دېيىلدى: 2020-يىلىغا بارغاندا، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ گۇرۇھلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشقا قاتنىشىش نىسبىتى تېخىمۇ ئاشۇرۇلىدۇ، كۆلەملىك كارخانىلارنىڭ گۇرۇھلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشقا قاتنىشىشى بەلگىلىك نىسبەتكە يېتىپ، ئۈلگە كۆرسىتىش، باشلامچىلىق قىلىش رولىغا ئىگە 300 تايانچ كەسپىي مائارىپ گۇرۇھى دەسلەپكى قەدەمدە قۇرۇلىدۇ، مەركەز كارخانىلىرى، كەسىپىلەردىكى باشلامچى كارخانىلار باش بولۇپ تەشكىللىگەن بىر تۈركۈم كەسپىي مائارىپ گۇرۇھى قۇرۇلۇپ، مائارىپ زەنجىرى بىلەن كەسىپ زەنجىرى بىرلەشتۈرۈلگەن ۋەزىيەت ئاساسەن شەكىللىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، «پىكىر»نىڭ يولغا قويۇلۇشىدا مەملىكەتلىك كەسپىي مائارىپ خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپ مەنبەلىك گەۋدىلەرنى كەسپىي مائارىپ گۇرۇھى تەشكىللەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى بىلەن مائارىپ زەنجىرىنىڭ بىرلىشىشى، مەكتەپ بىلەن كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىشىشىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىغانىكەن.

  «پىكىر»دە مۇنداق دېيىلدى: ھۆكۈمەتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە بازارنىڭ يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز ئىختىيارىي بىلەن قوشۇلۇش، چېكىنىپ چىقىشى ئەركىن بولۇش، ئادەم تەربىيىلەشنى ئاساس قىلىش، قانۇن بويىچە مەكتەپ باشقۇرۇش پىرىنسىپىنى مەۋقە قىلىپ، دۆلىتىمىز ۋە چەت ئەللەردىكى كەسپىي مەكتەپ، ساھە، كارخانا، تەتقىقات ئورنى ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلات قاتارلىقلارنى كەسپىي مائارىپ گۇرۇھىغا قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر