خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) جۇڭگونىڭ گۇيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ چيەننەندە قۇراشتۇرۇلۇپ قۇرۇلۇۋاتقان 500مېتىرلىق تاق كالىبىرلىق شار يۈزلۈك رادىئو تېلېسكوپى (ئېنگىلىزچە قىسقارتىلمىسى FAST) نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە قۇرۇلۇۋاتقان كالبىرى ئەڭ چوڭ، قۇۋۋىتى ئەڭ كۈچلۈك تاق ئانتېنالىق رادىئو تېلېسكوپى بولۇپ، جۇڭگو FASTئىشخانىسى بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى تېلېسكوپنىڭ 2016-يىلى قۇرۇلىدىغانلىقىنى، قۇرۇلغاندىن كېيىن دۇنيا دەرىجىلىك رادىئو ئاسترونومىيە تەتقىقات مەركىزى بولۇپ قالىدىغانلىنى ئېيتتى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى