باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ كېيىنكى يېرىم يىلدا ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئىنتېگرال نوپۇسقا ئورنىتىش سىياسىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىدۇ

2015.07.24 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 23-ئىيۇل تېلېگراممىسى. 23-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن بېيجىڭ شەھەرلىك 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20-قېتىملىق يىغىنىدا، بېيجىڭ شەھەرلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لۇ يەن: پايتەختكە تەۋە بولمىغان فونكسىيەلەرنى تارقاقلاشتۇرۇپ، بېيجىڭ شەھىرى، تيەنجىن شەھىرى ۋە خېبېي ئۆلكىسىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بېيجىڭ لايىھە تۈزۈپ، شەھەرگە قاراشلىق مەمۇرىي، كەسپىي ئورۇنلارنى تولۇق ياكى قىسمەن يۆتكەشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، دېدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا بېيجىڭ شەھىرىدە دائىمىي ئولتۇرۇشلۇق نوپۇس 21 مىليون 689 مىڭ كىشىگە يېتىپ، ٪1.6 ئاشقان، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.5 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن؛ يېڭىدىن كۆپەيگەن دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس 173 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 55 مىڭ كىشى ئازلىغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بېيجىڭ شەھىرى، تيەنجىن شەھىرى ۋە خېبېي ئۆلكىسىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلان تىزىسىدە «2020-يىلىغا بارغاندا، پۈتكۈل شەھەردىكى دائىمىي ئولتۇرۇشلۇق نوپۇسنى 23 مىليون كىشى دائىرىسىدە كونترول قىلىشقا كۈچەش، بۇنىڭ ئىچىدە، شەھەر 6-رايونىدىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسنى 2014-يىلىدىكى ئاساس بويىچە يىلدا 2-3 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىتىپ، 2020-يىلىغا بارغاندا 15 پىرسەنت پوئېنت ئەتراپىدا تۆۋەنلىتىشنى قولغا كەلتۈرۈش» ئېنىق بەلگىلەنگەن. لۇ يەن مۇنداق دېدى: كېيىنكى يېرىم يىلدا، بېيجىڭ، شەھەر 6-رايونىدىكى نوپۇسنى تەڭشەيدىغان سىياسەت ۋە تۈزۈم تۈزۈپ، بالدۇرراق ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە تىرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئىنتېگرال نوپۇسقا ئورنىتىش سىياسىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر