باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھوللاندى، روھانىي ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمىنى يولغا قويۇشتا ھەمكارلىشىشقا قوشۇلدى

2015.07.24 15:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى تۈنۈگۈن ئىران زۇڭتۇڭى روھانىي بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمنى يولغا قويۇشتا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە قوشۇلدى. ھوللاندى ئىراننىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى كىرزىسىنى ھەل قىلىشتا ئىجابىي تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  فىرانسىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى شۇ كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى فابىئۇس 29-ئىيۇل ئىراندا زىيارەتتە بولۇپ، ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى باشلايدۇ.

  فابىئۇس يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تارىخىي خاراكتېرلىك ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىنى ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، فىرانسىيە بىلەن ئىران مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىنىشىشى تامامەن نورمال ئەھۋال.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر