باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگو يىپەك يولى 24- نۆۋەتلىك تۇرپان ئۈزۈم بايرىمى 20-ئاۋغۇست باشلىنىدۇ

2015.07.24 16:22         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو يىپەك يولى 24- نۆۋەتلىك تۇرپان ئۈزۈم بايرىمى 20- ئاۋغۇستتىن 5- سېنتەبىرگىچە تۇرپان خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  ئىگىلىشىمچە، 24- نۆۋەتلىك تۇرپان ئۈزۈم بايرىمى 17كۈن داۋام قىلىدىغان بولۇپ، بايرامدا «يىپەك يولىدىكى ئۈزۈم شەھىرى. سېھىرلىك تۇرپان» باش تېما قىلىنىدىكەن. بايرام مەزگىلىدە «ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، بازارلاشتۇرۇپ مەشغۇلات قىلىش، ئامما قاتنىشىش، كەسىپلەرگە تۈرتكە بولۇش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، تۇرپاننىڭ ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، جەمئىيەت مۇقىم، ئامما خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان، تۈرلۈك ئىشلار جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان يېڭى قىياپىتى تولۇق نامايان قىلىنىدىكەن. ئۈزۈم بايرىمى پائالىيەتلىرىدە «مەدەنىيەتنى ۋاسىتە، ئىقتىساد - سودىنى ئاساس قىلىش»تا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئۈزۈم ھارىقى، قۇرۇق ئۈزۈم، تاش ماتېرىياللىرى قاتارلىقلار كۆرگەزمە قىلىنىپلا قالماي، مەدەنىيەت - سەنئەت، يېمەك - ئىچمەك، مەززىلىك تائاملار كۆرگەزمىسى ۋە ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش، ساياھەتچىلىك تەشۋىقاتى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر