باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئىتتىپاقى گىرىتسىيە قەرز كىرزىسى تەرىپىدىن پارچىلىنىۋاتامدۇ؟

2015.07.24 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : ياۋروپا پۇل مۇئامىلىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش مېخانىزمى تەمىنلىگەن 71.6 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قەرز پۇلنىڭ بۇ ھەپتە ھېساباتقا كىرىشى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ گىرىتسىيەگە بولغان3- نۆۋەتلىك قۇتقۇزۇشىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا بولسا گىرىتسىيەگە بولغان يېڭى بىر قېتىملىق ياردەمنى يولغا قويۇش قارار قىلىش مۈشكۈل بولغان مەسىلە بۇلۇپ قالدى. گېرمانىيە قاتتىق قوللۇقنى تەشەببۇس قىلسا، فرانسىيە مۇرەسسە قىلىشنى تاللىدى، گىرىتسىيە مەسىلىسى ياۋروپا بىرگەۋدىلىشىشىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولغان گېرمانىيە ۋە فرانسىيەنىڭ ئىككى تەرەپكە بۆلۈنۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

  2010-يىلى باشلانغان گىرىتسىيە قەرز كىرزىسى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنى كۆپ ئەندىشىگە سالدى، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىمۇ گىرىتسىيەگە ياردەم قىلىش توغرىسىدا بەش يىل تالاش-تارتىش بولدى.بۇ جەرياندا ياۋرۇپا ئىتتىپاقى گىرىتسىيەگە ئىككى قېتىمدا جەمئىي 20مىليارد ياۋرۇ ياردەم قىلغان بولسىمۇ،بۇ ياردەم گىرىتسىيە ئىقتىسادىنى جانلاندۇرالماستىن بەلكى ئەكسىچە گىرىتسىيە ئىقتىسادى يەنە % 25 چىكىنىپ كەتتى، قەرز سوممىسىمۇ %50كۆپەيدى . بۇ سەۋەپلىك گىرىتسىيە داۋاملىق ياۋرو رايونىدا تۇرسا بولامدۇ دىگەن مەسىلە ياۋرۇپا رەھبەرلىرى تالاش¬-تارتىش قىلىدىغان قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى.

  گىرىتسىيەنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان قەرز كىرزىسى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ چوڭقۇر قاتلامدىكى مەسىلىلەرنى تولۇق ئاشكارىلاپ بەردى ، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ بىرلىككە كەلگەن پۇل ۋە مۇستەقىل مالىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئىقتىسادىي تەڭپۇڭسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كوللېكتىپ تەدبىر بەلگىلەشكە قىيىنلىق كەلتۈردى،شۇنداقلا يەنە

  ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا كىمنىڭ رەھبەر بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى مۇنازىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر