باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لىسوتودا سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ باش ۋەزىر جەنۇبىي ئافرىقىغا كەتتى

2014.09.01 09:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لىسوتودا ئارمىيە دائىرىلىرى 30-ئاۋغۇست پايتەخت ماسېرۇدىكى ساقچى باش ئىشتابىنى تىزگىنلىدى ھەم باش ۋەزىر سارىيىنى قورشىۋالدى. باش ۋەزىر توماس تابانى ئارمىيە دائىرىلىرىنى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىدى دەپ ئەيىبلىدى ھەم ئارقىدىن قوشنا دۆلەت جەنۇبىي ئافرىقىغا كەتتى، ماسېرۇ ۋەزىيىتى ھازىر ئەسلىگە كېلىپ تىنچلاندى، شۇ جايدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلارنىڭ تۇرمۇشى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىمىدى.

  خەۋەرگە قارىغاندا، لىسوتو ئارمىيە دائىرىلىرى 30-ئاۋغۇست كېچىدە تۇيۇقسىز ساقچى باش ئىشتابىنى قورشىۋالغان ھەم ساقچىلار بىلەن قارشىلاشقان. ئىككى تەرەپ ئۈچ سائەتچە تۇتۇشقان، ئىككى تەرەپتىن بىردىن ئادەم يارىلانغان، ھېچكىم قازا قىلمىغان.

  ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، تابانى لىسوتو ئارمىيە دائىرىلىرىنىڭ شۇ كۈنكى قىلمىشىنىڭ خاراكتېرى سىياسىي ئۆزگىرىشكە ياتىدۇ دېدى. لىسوتو ئارمىيە دائىرىلىرىنىڭ باياناتچىسى ئېنتىلىلى ئېنتويى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغانلىقىنى ئىنكار قىلدى. گەرچە لىسوتو ئارمىيە دائىرىلىرىنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان-قوزغىمىغانلىق مەسىلىسى ھەققىدە تابانى بىلەن ئارمىيە دائىرىلىرى ئۆز گېپىنى يورغىلاتقان بولسىمۇ، لېكىن پارتىيەلەر كۈرىشى-ئارمىيە دائىرىلىرىنىڭ تابانى ۋە ئۇنىڭ يېقىنلىرى ھەم ساقچىلارغا ھەرىكەت قوللىنىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولغان دەپ قارالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر