باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سۈي شىئەن ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرلۇقىغا يەنە سايلاندى

2014.09.01 09:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 4-نۆۋەتلىك باش مەمۇر سايلىمى 31-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلدى، سايلام كومىتېتىنىڭ 400 ئەزاسىنىڭ بىرسى رۇخسەت سوراپ قاتنىشالمىدى، 396 ئەزاسى نەق مەيدانغا كېلىپ ئاۋاز بەردى. سۈي شىئەن 380 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 4-نۆۋەتلىك باش مەمۇرلۇقىغا سايلاندى.

  ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام قانۇنىدا، سايلام كومىتېتىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى نەق مەيدانغا كېلىپ ئاۋاز بەرگەندىلا ئاندىن سايلام ئىناۋەتلىك بولىدۇ، نامزات ئەزالارنىڭ يېرىمدىن ئارتۇق ئاۋازىغا ئېرىشكەندە ئاندىن سايلىنالايدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.

  ئاۋمېننىڭ نېگىزلىك قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرىنى كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە باش مەمۇر سايلام كومىتېتى قانۇن بويىچە سايلاپ چىقىدۇ، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ، ۋەزىپە ئۆتۈش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ. تۈزىتىلگەندىن كېيىنكى ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ «باش مەمۇر سايلىمى قانۇنى»غا ئاساسەن، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق باش مەمۇر سايلىمى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەسلىدىكى 300 دىن 400 گە كۆپەيتىلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر