خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرمىز ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋرى، فوتوسى: كورلا شەھىرى يېڭشەر يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئالىي دەرىجىلىك خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى، دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك پسىخولوگىيە مەسلىھەتچىسى رىزۋانگۈل غېنى 27-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن، كورلا شەھىرى يېڭشەر يېزىسىدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئوقۇش باشلىنىشتىن ئىلگىرىكى «ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۇقۇرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلاردىن بولايلى» تېمىسىدا بىر قېتىملىق پسىخىك تەربىيەسى بويىچە لېكسىيە سۆزلەپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىگە يېڭى قىياپەت بىلەن قەدەم تاشلىشىغا ئاساس سالدى.
سۈرەتتە: رىزۋان غېنى لىكسىيە سۆزلىمەكتە.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى