- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


پاختا يىغىدىغان ئىشلەمچىلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىگە 200 دىن ئارتۇق مەخسۇس پويىز كېلىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى
2014.08.29 15:50 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28-ئاۋغۇست سەھەر سائەت 1:36 دە، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شاڭچىيۇ شەھىرىدىن شىنجاڭ كۈيتۈنگە قاراپ ماڭغان ئىشلەمچىلەر مەخسۇس پويىزى كۈيتۈن ۋوگزالىغا كىردى. مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2014-يىللىق شىنجاڭغا كىرىدىغان ئىشلەمچىلەر مەخسۇس پويىزىدىن 223 كە يېتىدىغانلىقى پىلانلانغان، 9-ئايدىن باشلاپ گەنسۇ، خېنەن، شەنشى، سىچۈەن قاتارلىق جايلاردىن ئىشلەمچىلەر مەخسۇس پويىزدا شىنجاڭغا كىرىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا كۈنىگە 7دىن 8 گىچە پويىز شىنجاڭغا كىرىدۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر