- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


كامېرون شوتلاندىيەنىڭ ئەنگلىيەدىن ئايرىلماسلىقىنى مۇراجىئەت قىلىپ، تېخمۇ كۆپ ھوقوق بېرىدىغانلىقى خۇسۇۇسىدا ۋەدە بەردى
2014.08.29 16:03 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېرون 28-ئاۋغۇست شوتلاندىيەدىكى بېلەت تاشلىغۇچىلارغا يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىشىدە شوتلاندىيەنىڭ ئەنگىلىيەدە قېلىشىنى تاللىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ يەنە ئەگەر شوتلاندىيە داۋاملىق ئەنگلىيەدىن ئايرىلمىسا ئەنگلىيە شوتلاندىيەگە تېخىمۇ كۆپ ھوقوق بېرىدۇ، دېدى.
شوتلاندىيە مۇستەقىللىقىغە 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىدۇ. ئەڭ يىڭى ئەلرايىنى سىناشتا، شوتلاندىيە مۇستەقىللىقىغە قارىشى تۇردىغانلارنىڭ كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغانلىقى، ئەمما مۇستەقىللىقنى قوللايدىغانلار سانىنىڭمۇ بارغانسېرى ئېشىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر