شۇيەر ۋاقتى 26-ئاۋغۇست، ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونېتسكىدا ئەل ئىچى قوراللىق كۈچلىرى بىلەن داۋاملىق توقۇنۇشماقتا. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى ئاندرىي لىسېنكو ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ دونېتسكى ئوبلاستىنىڭ ئىلوۋايسك شەھىرىنى ئىشغال قىلغانلىقى ھەم لۇگانسكىدىكى مۇھىم بىر ھەربىي بازىنى تىزگىنلىگەنلىكىنى ئېيتقان.