خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-ئاۋغۇست Yahoo ئېلان قىلغان خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، ئالەم ئۇچقۇچىسىنى ئالەم بوشلۇقىغا توشۇيدىغان تۇنجى سودا خاراكتېرلىك شىركەت پات ئارىدا بارلىققا كېلىدىكەن. 2011-يىل 9-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى(NASA) گەلگۈسى ئىككى يىلدا 1 مىليارد 600 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ يىڭى بىر ئەۋلاد «ئالەم تاكسىسى» سېتىۋېلىپ، ئامېرىكا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ يەرشارىغا كېلىپ- كېتىش لىنىيەسى ئاچىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. NASA كەلگۈسەدە SpaceX ،Boeing ، Blue Origin ، Sierra Nevada قاتارلىق تۆت شىركەتتىن ئىككىنى تاللاپ مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۈچىنچى شىركەتنى تاللاپ زاپاس پىلان قىلىدىغانلىقىنى پىلانلىغان. يېقىندا NASA تاللاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىدىكەن، تۆت شىركەت ھازىرمۇ ھەم نامزاتلىقنى تالىشىۋېتىپتۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى