باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ29-سانلىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلدى

2014.09.01 09:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29- سانلىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 30-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. جاڭ دېجياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چياۋ شياۋياڭنىڭ خامچوت قانۇنى قارار لايىھىسىنىڭ تۈزىتىلمە پىكرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى قارار لايىھىسىنىڭ تۈزۈتىلمە پىكرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى؛ سۇغۇرتا قانۇنى قاتارلىق بەش قانۇننىڭ تۈزىتىلمە لايىھىسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى؛ئىنقىلابى قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنى تەسىس قىلىش قارار لايىھىسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى دوكلاتى ۋە بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇدا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسى تەسىس قىلىش قارار لايىھىسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى لى فېينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنى دائىمىي كومىتېتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرىنى سايلاش مەسىلىسى ۋە 2016-يىلى قانۇن چىقىرىش كومىتېتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسى قارار لايىھىسىگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قوشۇمچە باش كاتىپى ۋاڭ چېننىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلەش،ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش لايىھىسىگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يۇقىرىقى لايىھەنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا قاراپ چىقىشقا سۇنۇش كېرەك. قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن يەنىمۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، 12- قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10-سانلىق يىغىنىنىڭ يېپىلىش يىغىنىغا سۇنۇش ياكى سۇنماسلىقىنى قارار قىلىشىغا سۇنۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر