باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2-نۆۋەتلىك ياشلار يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 28-ئاۋغۇست نەنجىڭدا ئاياغلىشىدۇ

زۇڭلى لى كېچياڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ

2014.08.28 14:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-نۆۋەتلىك ياشلار يازلىق ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى 28-ئاۋغۇست جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنجىڭ شەھىرىدە ئاخىرلىشىدۇ، گوۋۇيۇەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتنىڭ رەئىسى توماس باك نەنجىڭ ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ يېپىلغانلىقىنى جاكارلايدۇ.

  ساھىبخانلىق ئورنىدىكى جۇڭگو كوماندىسىنىڭ 123 نەپەر تەنھەرىكەتچىسى 28 چوڭ تۈر ۋە 91 كىچىك تۈرگە قاتنىشىپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئاياللار پۇتبول تۈرى ۋە ئاياللار دوگۇر تۈرى بويىچە قوش چىمپىيونلۇق قولغا كەلتۈرۈلدى، سۇ ئۈزۈش ماھىرى شېن فىڭخاۋ ئالتە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى، «ئۇچقۇر ئايال» لياڭ شياۋجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىكى دەرىجىسى ئەڭ ئالىي مۇكاپات ئېلىش سەھنىسىگە چىققان تۇنجى جۇڭگولۇق يۈز مېتىرغا يۈگۈرۈش ماھىرى بولۇپ قالدى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر