باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەدەبىيات خىزمەتچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇرچىنى ئادا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى

2014.09.01 09:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى 28-ئاۋغۇست بېيجىڭدا «ئەدەبىيات خىزمەتچىلىرىنىڭ سوتسىيالستىك يادرولۇق قىممەت قارشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش تەشەببۇسنامە»نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى، يازغۇچىلار، ئەدەبىي ئوبزۇرچىلار، ئەدەبىيات سەنئەت نەزەرىيىچىلىرى ئارقا-ئارقىدىن تەشەببۇسنامىنى قوللايدىغانلىقىنى، ئاڭلىق ھالدا ئەدەبىيات خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇقەددەس بۇرچىنى زىمىسسىگە ئېلىپ، ئەدەبىياتنىڭ كۈچى بىلەن ھەر بىر كىشىنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىگە مەدەت بېرىپ، يادرولۇق قىممەت قارشىنىڭ نەمۈنىلىك ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلىرى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

  «خەلق ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش مۇھەرىرى سۈي داۋيى مۇنداق داپ ھېسابلىدى: يازغۇچىلار ئالدى بىلەن ۋىجدانلىق، ئەخلاق-پەزىلەتلىك بولۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇشتەرىلەرنىڭ ئەخلاق پەزىلەتلىك، ۋىجدانلىق بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالالايدىغان «روھى ئىنژنىر» بولۇشى كېرەك. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، سوتسىيالستىك يادرولۇق قىممەت قارشىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى- پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەدەبىيات خىزمەتچىلىرىگە بولغان تاپشۇرۇقى، بولۇپمۇ مۇشتەرىلەرنىڭ يازغۇچىلارغا بولغان ئۈمىدى.

  نۇرغۇن يازغۇچىلار مۇنداق دېدى:«تەشەببۇسنامە»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان «خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش» تەلىپىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، دەۋىرنى قىزغىن سۆيۈپ، ئاممىغا يېقىنلىشىپ، تۇرمۇشقا چۆكۈپ، خەلقنىڭ ئارزۇ تەلەپلىرىنى، ئەتراپىمىزدىكى تەسىرلىك ئىشلارنى خاتىرلەپ، كىشىلىك ھاياتنى مەدىھيلەپ، خەلقنى جۇڭگو يولىدا چىڭ تۇرۇشقا، جۇڭگو روھىنى نۇرىلاندۇرۇشقا، جۇڭگو كۈچىنى مۇجەسسەملەشكە ئىلھاملاندۇرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر