خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى : كۇچا ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى 28- ئاۋغۇست بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 35 قىز ئوقۇغۇچىغا «بىر يۈەن ئارقىلىق مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش» فوندىدىن ھەربىرىگە 2000يۈەندىن جەمئئىي 70 مىڭ يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ، ئۇلارنىڭ تىرىشىپ ئوقۇپ، ياراملىق ئىزباسارلاردىن بۇلۇپ چىقىشىغا مەدەت بەردى.
سۈرەتتە: قىز ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ياردەم پۇلى تاپشۇرۋېلىش جەدىۋىلىگە ئىمزا قويماقتا.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى