باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز 2020-يىلىغىچە ئېغىر كېسەللەرنى ناھىيەدىلا داۋالايدىغان قىلىدۇ

2014.09.01 09:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىزدىكى ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار مۇلازىمەت قىلىدىغان نوپۇس 900 مىليوندىن ئاشىدۇ، لېكىن بۇنىڭ ئىچىدىكى %20 تىن ئارتۇق ئادەم كېسەل كۆرسەتكەندە باشقا يەرلەردىكى دوختۇرخانىلارنى تاللايدۇ. ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يېقىندا «ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش خىزمىتى لايىھەسى»نى تۈزۈپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئادەم تەربىيەلەش، نىشانلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتمەكچى بولدى. 2020-يىلىغىچە، مەملىكەت بويىچە بىمارلارنىڭ ناھىيە تەۋەسىدە داۋالىنىش نىسبىتى %90 ئەتراپىغا يەتكۈزۈلۈپ، ئېغىر كېسەللەرنى ناھىيەدىلا داۋالاش ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  بۇ لايىھەگە ئاساسەن، 2020-يىلىغىچە، ئېلىمىز ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ 1-دەرىجىلىك داۋالاش تۈرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 2-دەرىجىلىك داۋالاش تۈرىنى تەدرىجىي ياخشىلاپ، كىلىنىكىدا ئاجىز مەخسۇس بۆلۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كېسەل تۈرلىرى بىلەن داۋالاشنى قاپلاشنى كېڭەيتىدۇ. لايىھەدە ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى ئىقتىدارىغا قارىتا ئىنچىكە، ئېنىق كۆرسەتكۈچ ۋە تەلەپلەر تۈزۈلدى ھەم ھەر بىر كېسەل تۈرىنىڭ ئوتتۇرىچە كېسەلخانىدا يېتىش كۈنىگە كونكرېت تەلەپ قويۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر