26-ئاۋغۇست بېلوروسىيە پايتەختى مىنسكىدا روسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى پوروشېنكو قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. شۇ كۈنى روسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى پوروشېنكو بېلوروسىيە پايتەختى مىنسكىدا ئىككى تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. ئىككى تەرەپ ئۇكرائىنا كرىزىسى، روسىيەنىڭ ئۇكرانىيە شەرقىي قىسىمىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى، لۇگانسكى بىلەن دونېتسكى ئوبلاستىدىكى مۇساپىرلار، روسىيە- ئۇكرائىنا ئېنېرگىيە مەسىلىلىرى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇردى.