خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى: ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان «ئاساسىي قاتلامغا خوشاللىق يەتكۈزۈش» پائالىيىتى 27-، 28-ئاۋغۇست كۇچا ناھىيەسىنىڭ خانىقاتام يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتتە ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەشكىللىگەن خەلق سەنئەتكارلىرى، رەسساملار، خەتتاتلار، فوتوگرافلار نەق مەيداندا ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا زامانىۋىي مەدەنىيەت ئارقىلىق ئاكتىپ ئىنېرتسىيە تولۇقلاپ، ئۇلارنىڭ ئورتاق ئىتتپاقلىشپ، گۈزەل يۇرت– ماكان قۇرۇش روھىنى ئۇرغۇتتى.
سۈرەتتە: 28-ئاۋغۇست خانىقاتام يېزىلىق مەدەنىيەت–تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئاساسىي قاتلامغا خوشاللىق يەتكۈزۈش» پائالىيىتىدە رەسسملار نەق مەيداندا ماھارەت كۆرسەتمەكتە.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى