- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
Angelina Jolie بىلەن Brad Pitt فرانسىيەنىڭ جەنۇبىدا جىمجىتلا توي قىلدى
2014.08.29 16:14 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھوللىيۋودتىكى فىلىملىرىدىكى مەشھۇر ئاشق-مەشۇق ئارتىستلاردىن Angelina Jolie بىلەن Brad Pitt 28-ئاۋغۇست فرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى Var ئۆلكىسىدىكى شەخسىي قوروسىدا مەخپىي توي قىلدى. ئىككەيلەن 6 بالىسى ۋە قېرىنداش، دوستلىرى بىلەن بۇ توينى بىللە ئۆتكۈزدى.
فرانسىيە تاراتقۇلىرى بۇ چولپان ئەر-خوتۇننىڭ تاراتقۇلارغا بەرگەن باياناتىنى نەقىل قىلىپ، بۇ توينىڭ «بىر ئائىلىنىڭ خۇسۇسىي ئىشى» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. Angelina Jolie چوڭ ئوغلى مەدوكس ۋە كىچىك ئوغلى ــــ 13 ياشلىق پاكسنىڭ ھەمراھلىقىدا مەرىكە زالىغا كىرگەن، قىزلىرىدىن 9 ياشلىق زاخارا بىلەن 6 ياشلىق ۋىۋىئان گۈل بەرگى چاچقان،8 ياشلىق قىزى خىللو بىلەن 6 ياشلىق ئوغلى نوكس ئاتا-ئانىسىغا توي ئۈزۈكى يەتكۈزۈپ بەرگەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر