باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ ۋېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى باش سېكرېتارىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشتى

2014.08.29 09:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 27-ئاۋغۇست خەلق سارىيدا ۋېتنام كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېت باش سېكرېتارىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، ۋېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، سېكرېتارىياتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل سېكرېتارى لى خوڭيىڭ بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ۋېتنام يېقىن قوشنىلار، شۇنداقلا كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت. قوشنىلارنى ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ، دوستلۇق ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەتىگە ئۇيغۇن . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولۇپ كەلدى، بىراق يېقىندا ناھايىتى زور زەربىگە ئۇچراپ، ئىككى دۆلەت خەلقنىڭ ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دېققىتىنى قوزغىدى. باش سېكرېتار رۇەن فۇجوڭ سىزنى ئالاھىدە ئەلچى سۈپىتىدە ئىككى پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا ئەۋەتتى. بۇ ۋېتنامنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناىسۋىتىنى ياخشىلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىشدەك ئارزۇسىنى گەۋدىلەندۈردى. بىز ۋېتنام بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو ۋېتنام مۇناىسۋىتىنى قايتىدىن توغرا تەرەققىيات يولىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ۋېتنامنىڭ ئەنئەنىۋىي دوستلۇقىنى ئىككى پارتىيە ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم رەھبەرلىرى ئۆز قولى بىلەن كۆڭۈل قويۇپ يېتىلدۈرگەن، ھەسسىلەپ قەدىرلەشكە ۋە قوغداشقا ئەرزىيدۇ.

  لى خوڭيىڭ مۇنداق دېدى: ۋېتنام ئەڭ زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، جۇڭگو بىلەن بىرىلىكتە، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى ساقلاپ، سەمىمىي ئالاقىلىشىپ، ئۆزئارا چۈشىنىشىپ ۋە ئېشىنىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىپ، مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، ۋېتنام جۇڭگو پارتىيەلىرى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇقىملىشىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. بۇ ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ ۋە مەڭگۈلۈك مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىگىمۇ پايدىلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر