باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«جۇڭگو يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات دوكلاتى» ئېلان قىلىندى

2014.09.01 09:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقات مەركىزى بىلەن ئىجتىمائىي پەن ھۆججەت نەشرىياتى 30-ئاۋغۇست «دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۆك تاشلىق كىتابى-جۇڭگونىڭ 2014-يىللىق يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى قوللاش كۈچلۈك بولماسلىق، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى يېتەرسىز بولۇش، ئالىي يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرى يېتىشمەسلىك-جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئۈچ چوڭ مەسىلە بولۇپ قالدى.

  دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگونىڭ دۆلەت رىقابەت كۈچى، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى بىلەن جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ماس كەلمەيدۇ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش رولى يەنىلا يېتەرسىز. جۇڭگونىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى گەرچە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرسىمۇ، لېكىن ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش يەنىلا مەبلەغ سېلىش ۋە سودىنىڭ تۈرتكىسىنى ئاساس قىلىدۇ. بىر قىسىم يېتەكچى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىدا، جۇڭگو ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرى تۈرتكە بولغان يولغا بەكلا تايىنىپ قالماقتا. گەرچە بىر قىسىم كەسىپلەردە بىر تۈركۈم ھالقىلىق، يادرولۇق تېخنىكىلار، مەسىلەن: خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرى، تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريول، سۇ ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرى قاتارلىق خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە تېخنىكىلار بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، بىراق كەسىپ زەنجىرى ۋە ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىدىن قارىغاندا، مۇھىم بىرلەمچى يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى يەنىلا يېتەرسىز بولماقتا.

  دوكلاتتا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: يەر شارىدىكى يېڭىلىق يارىتىشتا كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىشتا، جۇڭگو ئىلغار پەن-تېخنىكا ۋە ئاساسىي پەنلەر جەھەتتىكى تەتقىقات ھەم ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچلۈك قوللاپ، يادرولۇق تېخنىكىلارنى ئاساس قىلغان كارخانىلارنىڭ مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچلۈك ئۆستۈرۈپ، ئېچىۋېتىش بىلەن ماسلىشىش جەھەتتىكى يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر