خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى: بۇ يىل 5- ئايدىكى نەچچە قېتىملىق كۈچلۈك قارابوران كۇچا ناھىيەسىنىڭ 14 يېزا، بازىرىدىكى 20 مىڭ موغا يېقىن كېۋەزنى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچراتتى، جۇڭگۇ مال–مۈلۈك سۇغۇرتىسى كۇچا تاماق شىركىتى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالىنى ئومۇمىيۈزلىك تەكشۈرگەندىن كېيىن، يېقىندا ناھىيە بويىچە 1800دىن ئارتۇق پاختىكارغا 3 مىليون 500 مىڭ يۈەن تۆلەم پۇلى تارقىتىپ، پاختىكارلارغا سۇغۇرتىنىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇتتى.
سۈرەتتە: 27-ئاۋغۇست بېھشباغ يېزىسىدىكى دېھقانلار تۆلەم پۇلى ئالماقتا.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى