باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ياشانغانلارنىڭ بەخت چۈشى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇلدى

2014.08.28 14:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلشەن ئابلىز خەۋىرى: باغراش ناھىيەسىدە بەش يۈرۈش ياشانغانلارنى بېقىش بەخت ھويلىسى قۇرۇلۇشى تاماملاندى، بۇنىڭ بىلەن دېھقانلارنىڭ، بولۇپمۇ يېزىلاردىكى ئىگە-چاقىسىز، بەشتە كاپالەتلىك ياشانغانلارنىڭ كۈتىنىش مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ئاساس سېلىندى.ئىگىلىنىشىچە، بۇ بەش يۈرۈش ياشانغانلارنى بېقىش بەخت ھويلىسى بومبۇت بازىرى، سەكەننۇر يېزىسى، تاۋۇنچۇكۇن يېزىسى، ساغاننۇر يېزىسى ۋە ۋۇلەنزېكسىن يېزىسىدا قۇرۇلغان بۇلۇپ، بەخت ھويلىسى«كەنت مەسئۇل بۇلۇش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئامما قاتنىشىش، ھۆكۈمەت قوللاش» پىرىنسىپى بويىچە «كوللېكتىپ ھويلا قۇرۇش، كوللېكتىپ ئولتۇراقلىشىش، ئۆز-ئۆزىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش» شەكلى ئارقىلىق ناھىيە، يېزىلىق ھۆكۈمەت ۋە خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى مەبلەغ سېلىپ، كەنت كوللېكتىپ مەبلەغ ئاجرىتىدىغان قۇرۇلۇش ئىكەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر