خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز سائادەتگۈل ئابدۇل خەۋىرى: ئاتا-ئانىلارنى تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، 8-ئاينىڭ 19-كۈنى چەرچەن ناھىيەسىنىڭ چوڭكۆل يېزىسى ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا ۋە رايون ئىچىدىكى نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان ئوقوغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش يىغىنى ئېچىپ، 2014– يىلى ئىچكىرىدىكى نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان 7 ئوقۇغۇچىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 500يۈەن بىلەن؛ رايون ئىچىدىكى نۇقتىلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان 10 نەپەر ئوقوغۇچىنىڭ ھەر بىرىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 300 يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلەرنى ياراملىق ئوقۇغۇچى تەربىيەلەشكە ئىلھاملاندۇردى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى