خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان خەۋىرى، فوتوسى: ئونسۇ ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجىتمائى كاپالەت ئىدارىسى 8-ئاي كىرگەندىن بۇيان ئوقۇش پۈتتۈرۈپ يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە «ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغان ئىككى خىل ئوقۇغۇچىلار»نىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن، يېزا-بازار، مەيدانلارغا بېرىپ ئىشقا تونۇشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتتى، بۇنىڭ بىلەن ھازىرغىچە 42 كارخانا 1400 دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، تۈرلۈك ئىشسىز خادىملار، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن بەس-بەستە ئەمگەك توختامى تۈزۈشكە باشلىدى.
سۈرەتتە: 8-ئاينىڭ 28-كۈنى تۇمشۇق بازىرىدا كارخانىدا ئىشلەش ئارزۇسى بارلار ئۆزلىرىنى تىزىملاتماقتا.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى