باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

بىر غەيرەت بىلەن ئىشنى چىرايلىق باشلاپ، چىرايلىق تۈگىتىپ، تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلايلى

2014.08.28 14:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭ لەنكاۋ ناھىيەلىك پارتكوم بىلەن خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا، بىر غەيرەت بىلەن ئىشنى چىرايلىق باشلاپ، چىرايلىق تۈگىتىپ، تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلايلى، دەپ كۆرسەتتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 27-چېسلا جۇڭنەنخەيدە لەنكاۋ ناھىيەلىك پارتكوم بىلەن خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنى كۆرۈنەرلىك تۈزىتىپ، تۈپتىن ياخشىلاش، ئەنئەنىۋىي خىزمەتنى جارى قىلدۇرۇشنى ئاساس قىلدى. پارتىيە-ھۆكۈمەت ئىستىلىنى ياخشىلاشتا ئوبدان ۋەزىيەت يارىتىلدى. لېكىن بۇنى ئىستىل قۇرۇلۇش غايىسىگە سېلىشتۇرغاندا يەنىلا پەرق مەۋجۇت. پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى ياخشى ئىشلەش مۇشۇ مەزگىللىك خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، چوقۇم بىر غەيرەت بىلەن ئىشنى چىرايلىق باشلاپ، چىرايلىق تۈگىتىشىمىز، پائالىيەتتە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ قەرەلى بار، لېكىن ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ قەرەلى يوق. ئىستىل جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، بوشاشماي قەتئىي ھالدا ئەستايىدىل، ئۇزۇن مەزگىل تۇتۇپ ئىشلەش ئاساستۇر.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر