باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كارخانا ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش ۋاقىتلىق نىزامى 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

2014.08.28 15:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كارخانا ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش ۋاقىتلىق نىزامى 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. دۆلەتلىك سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ ماۋ گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ 26-ئاۋغۇستتىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: نىزامنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار بىر تەرەپ قىلىنىدىغان، ھەممە ئىشقا چەك قويۇلىدىغان تۈزۈم كاپالىتى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ،بۇ ئارقىلىق ئىجتىمائىي سەمىمىيەت بەرپا قىلىنىدۇ.

  جاڭ ماۋ مۇنداق دېدى: رويخەتكە ئېلىنغان مەبلەغنى تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپى بويىچە، بۇ يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر كارخانىلارنىڭ ئىناۋەتلىك ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش سىستېمىسىنى ئاچتى. ھەمدە تور ئالاقىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تور بىلەن تەڭ ئىشقا كىرىشتۈردى. كارخانىنىڭ تىزىملاش ئۇچۇرى بىلەن ئارخىپ ئۇچۇرى ئالدى بىلەن ئېلان قىلىندى. بۇ سىستېما يېرىم يىلدىن كۆپ ۋاقىت ئىچىدە ھەرىكەتكە كەلدى ۋە مۇكەممەللەشتى. 10-ئاينىڭ 1-كۈندىن باشلاپ، كارخانىلارنىڭ يىللىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىش ۋە كارخانىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش ئىقتىدارى رەسىمى ئېچىلىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر