باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزا بازارلار ساختا ناچار تاۋارلار ئېغىر رايون

2014.08.28 15:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زوڭلىسى ۋاڭ ياڭ 26-ئاۋغۇست بېيجىڭدا مەملىكەتلىك ھوقۇققا دەخلى تەرز يەتكۈزۈپ ساختا مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 6-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھوقۇققا دەخلى تەرز يەتكۈزۈپ ساختا مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش خىزمىتى ھۆكۈمەتنىڭ قايتا قاراپ چىقىش، تەستىقلاش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، ئىشنىڭ ئوتتۇرى ۋە ئاخىرىسىدىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىر. بازارنى نازارەت قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېزا بازارلىرى ساختا ناچار تاۋارلار ئېغىر رايون.قەتئىي نىيەتكە كېلىپ يېزىلار بىلەن شەھەر يېزىلار بىرىككەن بازارنى تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ،ئاچقۇچلۇق تاۋارلارنى چىڭ تۇتۇپ، نۇقتىلىق ھالقىلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مۇھىم نۇقتىسىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايى دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە پاش قىلىش لازىم. تور ساھەسىدىكى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھوقۇققا دەخلى تەرز يەتكۈزۈپ ساختا مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش قىلمىشلىرىغا بېرىلىدىغان مەمۇرىي جازا ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشنى يەنىمۇ چىڭ تۇتۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى تەرز يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى تۈزۈشنى كۈچەيتىش لازىم. كۆزىر كارخانىلارنىڭ ئۈلگىلىك رولى ۋە كەسىپ تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىنتىزامچانلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، جەمئىيەت بىرلىكتە تۈزەيدىغان بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قېلىپىنى شەكىللەندۈرۈشنى تىزلىتىش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر