باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەزدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنى ئېچىلدى

2014.08.28 15:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى 26-ئاۋغۇست بېيجىڭدا مەركەزدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 4-قېتىملىق يىغىنىدا تاراتقۇلارنىڭ بىرىكمە تەرەققىياتى توغرىسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، تاراتقۇلارنىڭ بىرىكمە تەرەققىياتى خىزمىتىنى يەنىمۇ تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاخبارات تەشۋىقات خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تاراتقۇلارنىڭ بىرىكمە تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى ۋە بۇنىڭغا ئەمەل قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكى گەۋدىلەندى. مەركەزنىڭ ئاساسلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار بىلەن يېڭىدىن گۈللەنگەن تاراتقۇلارنىڭ بىرىكىشىگە تۈرتكە بولۇپ، غايەت زور ئەمەلىي كۈچ ۋە تارقىتىش كۈچى، ئاممىۋى ئىشەنچ كۈچى، تەسىر كۈچىگە ئىگە يېڭى تاراتقۇ گۇرۇھىغا ئايلىنىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر