باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئوت ئىلىكتىر ئىستانسسىنىڭ تورغا كىرگۈزىدىغان توك باھاسىنى تۆۋەنلىتىدۇ

2014.08.28 15:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 1-سېنتەبىردىن باشلاپ سېتىلىدىغان توك باھاسى ئومۇمىي سەۋىيەسى ئۆزگەرمىگەن ئەھۋالدا، كومۇردىن پايدىلىنپ توق تارقىتىدىغان كارخانىلارنىڭ تورغا كىرىدىغان توك باھاسى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىشنى، ئۇنىڭدىن چىققان توك باھاسى بوشلۇقىنى مۇھىت بۇلغىمايدىغان توك باھاسى زىددىيىتىنى ھەل قىلىشقا ئىشلىتىشنى قارار قىلدى.

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى تارقاتقان «مۇھىت بۇلغىمايدىغان توك باھاسى زىددىيىتىنى ھەل قىلىشتىكى ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»قا ئاساسەن، بۇ قېتىمقى توك باھاسىنى تەڭشەشتە مەملىكەت بويىچە كۆمۈردىن پايدىلىنىپ توك تارقىتىدىغان كارخانىلار تورغا كىرگۈزگەن توك باھاسىنىڭ ھەر كىلىۋات سائىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 0.93فۇڭ تۆۋەنلىتىلىدۇ. چۈشۈرۈلگەن بۇ توك باھاسى بوشلۇقى نۇقتىلىق ھالدا نىتراتسىزلاشتۇرۇش، چاڭ توزان تازلاش قاتارلىق مۇھىت بۇلغىمايدىغان توك باھاسىنىڭ زىددىيىتىنى ھەل قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

  ھازىرغىچە مەملىكەت بويىچە 710مىليون كىلىۋات كۆمۈردىن پايدىلىنىپ توك تارقىتىدىغان گىنراتۇرلار گۇرۇپپىسىنىڭ نىتىراتسىزلاشتۇرۇش، چاڭ توزان تازلاش توك باھاسى تولۇقلىمىسى مەسىلىسى ھەل قىلىندى، بۇ كۆمۈر يىقىلغۇلۇق توك تارقىتىدىغان گىنراتۇرلار سىغىمىنىڭ %95تىدىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدۇ. دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئوت ئىلىكتىر كارخانىلىرى تورغا كىرگۈزىدىغان توك باھاسىنى تەڭشەش مۇھىت بۇلغىمايدىغان توك باھاسىنى ۋاقتىدا ھېسابلاشقا پايدىلىق بولۇپ، كۆمۈردىن پايدىلىنىپ توك تارقىتىدىغان كارخانىلارنىڭ نىتراتسىزلاشتۇرۇش، چاڭ توزان تازلاشنى ئۆزگەرتىش، ئاتمۇسفىرا سۈپىتىنى ياخشىلىشىنى قوللايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر