باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ نادىر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدە ئىجادىي بۇرۇلۇش ياساش لازىم

2014.08.28 15:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى 26-ئاۋغۇست ئۆزگىچە مەدەنىيەت كەسپىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش يېتەكچى پىكرىنى ئېلان قىلىپ، دۆلەت قاتلىمىدىن ئۆزگىچە مەدەنىيەت كەسپىي تەرەققىياتىنىڭ پرىنسىپى، نىشانى، ۋەزىپىسى ۋە سىياسەت كاپالىتىنى ئايدىڭلاشتۇردى. مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى بىلەن مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە كەسپىي زاتلىرى بۇ ئىش توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش بەردى.

  دۆلەتلىك مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتى مەدەنىيەت سىياسەت تەتقىقات مەركىزىي بىلەن باشقۇرۇش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى چى شۇيۈ مۇنداق دېدى: بۇ پىكىر مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ نادىر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدە ئىجادىي بۇرۇلۇش ياساش، يېڭىلىق يارىتىشچان تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى.

  مالىيە مىنىستىرلىقى مەدەنىيەت بايلىقى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دوڭ دېگاڭ مۇنداق دېدى: 2014-يىلى مالىيە مىنىستىرلىقى ئۆزگىچە مەدەنىيەت كەسپىي تەرەققىياتىنى تىزلىتىشنى مەخسۇس مەبلەغ بىلەن نۇقتىلىق مەدەت بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، مەبلەغ ئىلتىماس قىلىش،تەقسىملەشتە ئېتىبار بەردى.كېيىنكى باسقۇچتا بىز مەخسۇس مەبلەغنى باشقۇرۇشتا ئۆزگىچە مەدەنىيەت كەسپىي تەرەققىياتىنى مەخسۇس مەبلەغ بىلەن نۇقتىلىق ياردەم بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ،يەرلىك مالىيە نازارەتلىرى ئىدارىلىرىنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ،مەبلەغ تەقسىملەشتە تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۆزگىچە مەدەنىيەت كەسپى تۈرىگە ئىتتىبار بىرىمىز.

  مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى مەدەنىيەت كەسپى مەھكىمىسىنىڭ كۆزەتكۈچىسى سۈن روفېڭ مۇنداق دېدى: ئۆزگىچە مەدەنىيەت كەسپىي تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، نادىر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ قىممەتلىك تەرىپىنى قوبۇل قىلىپ، نادىر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىغا سىڭدۈرۈپ، خەلق ئاممىسى ياقتۇرىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىدۇ؛ مەدەنىيەت ئىستېمالىنى كېڭەيتىدۇ ھەمدە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇيىشىش كۈچىنى كۈچەيتىدۇ؛سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرىدۇ ۋە نۇرلاندۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر