باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شىنجاڭ ‹‹ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى›› دا قۇربان بولغان بەش ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ قۇربان بولغانلىقىنىڭ 65 يىللىقى خاتىرىلەندى(1)

2014.08.28 16:29   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

شىنجاڭ ‹‹ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى›› دا قۇربان بولغان بەش ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ قۇربان بولغانلىقىنىڭ 65 يىللىقى خاتىرىلەندى(1)

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونىمىز 27 – ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، شىنجاڭ ‹‹ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى››نىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن تەشكىللىگۈچىسى ۋە رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق بەش ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ قۇربان بولغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى خاتىرىلىدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى: ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قەھرىمانلىق ئىش – ئىزلىرىنى ئەسلەپ، ئۇلارنىڭ ئىنقىلابىي روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  1944 – يىلى 8 – ئايدا ئىلى، تارباغاتاي، ئالتايدىكى ‹‹ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى›› جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە خەلقئارا كوممۇنىزمنىڭ تەسىرى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىنقىلابىي كۈرەش غەلىبىسىنىڭ مەدىتىدە پارتلىغان. ‹‹ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى›› گومىنداڭنىڭ شىنجاڭدىكى ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، گومىنداڭنىڭ شىنجاڭدىكى ھەربىي كۈچىنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلق ئازادلىق ئۇرۇشىنى كۈچلۈك قوللىغان. كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى ۋە ئېچىندۇرىدىغىنى شۇكى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئۇرۇشى غەلىبە قىلىش ئالدىدا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشنىڭ ھارپىسىدا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ‹‹ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى››نىڭ رەھبەرلىرى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، بېيپىڭغا جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 1 – نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىشقا ماڭغاندا، ئايروپىلان ھادىسىگە ئۇچراپ، بەختكە قارشى قۇربان بولدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاقبېك مۇنۇنوف، ئابدۇكېرىم ئابباسوف، دەلىلقان سۇگۇربايىف ۋە لو جىدىن ئىبارەت بەش ئىنقىلابىي قۇربان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدا مەيدانغا كەلگەن كۆزگە كۆرۈنگەن تەشكىللىگۈچىلەر ۋە رەھبەرلەر، تەۋرەنمەس ۋەتەنپەرۋەرلەر شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرىنىڭ شەرەپلىك جەڭچىلىرى. ئۇلار ئەينى ۋاقىتتىكى ئىنقىلابىي ۋەزىيەت مۇرەككەپ، قىيىن بولغان ئەھۋالدا، تارىخىي ئېقىمغا ماسلىشىپ، توغرا مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى ھىمايە قىلىپ، ئاخىرىدا ‹‹ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى››نى توغرا يولغا باشلاپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى خەلق دېموكراتىك ئىنقىلابى ئېقىمىنى كىرگۈزۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەشتىكى مەقسىتىمىز، ئۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغدىشىمىز؛ ئۇلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداشتەك ئىنقىلابىي روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۆزىمىزنىڭ كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلىشىمىز؛ ئۇلارنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئۆزلۈكىدىن ئىلگىرىلەشتەك ئىنقىلابىي روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئىشەنچىمىز، نەزەرىيە ئىشەنچىمىز، تۈزۈم ئىشەنچىمىزنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشى ئارقىسىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتالايمىز.

  يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ سابىق شۇجىسى، مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ سابىق باشلىقى يولداش دېڭ لىچۈن ئەۋەتكەن تېلېگراممىنى ئوقۇدى. 99 ياشقا كىرگەن دېڭ لىچۈن ئىلگىرى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خاس ۋەكىلى سۈپىتىدە شىنجاڭنىڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد قىلىنىشىغا قاتناشقان.

  ئىنقىلابىي قۇربان ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تۇغقانلار ۋەكىلى ئادىلجان قاسىمى نۇتۇق سۆزلەپ، ئىنقىلابىي قۇربان ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى ئەسلىدى.

  سۆھبەت يىغىنىغا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن رىياسەتچىلىك قىلدى.

  شۆھرەت زاكىر، چې جۈن، خەن يۇڭ، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، لى شۆجۈن قاتارلىق ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پېشقەدەم يولداشلار، ئىنقىلابىي قۇربانلار تۇغقانلىرى ۋەكىللىرى، ھايات ۋاقتىدىكى دوستلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى بېكىتىشتە يېڭى ئۇسۇل قوللىنىلىدۇ
      ·پەرۋەردىگار بالامنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي
      ·ئۆزبېكىستاننىڭ %50 ئائىلىسىدە مىنبۇس ماشىنا بار
      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئىستىلىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئوقۇغۇچىلارنى قاتناشتۇرۇش…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئائىلە ئەمگەك تاپشۇرۇقىنى كۆپەيتىشنى بەلگىلىدى
      ·يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش كۇچا ناھىيەسىنىڭ كەنىتلىرىنى قاپلىدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇغۇچىلار رويخېتى سىستېمىسى ئارقىلىق پەرزەنتلەرنىڭ كۆچۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر ھەرقانداق شەكىلدە ئوقۇشقا كىرىش-ئۆر…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ھەربىر ئوقۇغۇچىغا مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ئوقۇش تەۋەلىك نومۇرى تارقىلىتىدۇ
      ·كۈندە بىر سائەت ئويۇن ئويناش بالىلار ئۈچۈن پايدىلىق