باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى باھا مەھكىمىسىنىڭ سابىق باشلىقى ساۋ جاڭچىڭ ئېنېرگىيە چىرىكلىكىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈلدى

2014.08.28 15:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كىرىم تەقسىماتى مەھكىمىسىنىڭ سابىق باشلىقى جاڭ دۇڭشېڭ 22-ئاۋغۇست ئالىي تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، ئىقتىساد يېڭى گېزىتى تۈنۈگۈن 24-ئاۋغۇستنىڭ ئالدى-كەينىدە دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى باھا مەھكىمىسىنىڭ سابىق باشلىقى ساۋ جاڭچىڭنىڭ بېيجىڭغا قايتىش سەپىرىدە ئايرودرۇمدىنلا تەكشۈرۈشكە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

  ساۋ جاڭچىڭ بىلەن جاڭ دۇڭشېڭ ھەر ئىككىيلەن دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ پېشقەدەم مەھكىمە باشلىقى. باھا مەھكىمىسىنى 7 يىل 7 ئاي باشقۇرغان ساۋ جاڭچىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئۆي باھاسىنى تەڭشەش ۋە كونترول قىلىش، ماي باھاسىنى تەڭشەش، دورا باھاسىنى تەڭشەش، پەلەمپەيسىمان توك باھاسىنى تەڭشەش قاتارلىق زور ئىسلاھاتلارغا بىۋاسىتە قاتناشقان ھەم قىسمەنلىرىگە رەھبەرلىك قىلغان.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر