باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكى ئىلىكتىرونلۇق رويخەتكە ئېلىنىدۇ

2014.09.01 09:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مىنستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان «ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكى، ئوقۇش تارىخىنى ئىلىكتىرۇنلۇق رۇيخەيكە ئېلىش چارىسى»گە ئاساسەن، 1-سېنتەبىردىن باشلاپ ئالى مەكتەپ ئوقۇش تارىخى تەربىيەسىدىكى ئوقۇغۇچىلار، يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكى، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش يىلى ۋە ئوقۇش پۇتتۇرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى ئىلىكتىرونلۇق رويخەتكە ئېلىنىدۇ.

  مائارىپ مىنستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: سەنئەت، تەنتەربىيە كەسپى ياكى سەنئەت، تەنتەربىيەدە ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق ئالاھىدە تۈرلەر بويىچە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا مەكتەپكە كىرىش كەسپى سىنىقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ، مەسىلە كۆرۈلسە ئوقۇش تەۋەلىكى رۇيخەتكە ئېلىنمايدۇ ھەمدە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتە قىلىشىغا دوكلات قىلىنىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، جايلار، ھەرقايسى ئالى مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتى بەلگىلىمىسى ۋە ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كېرىش سالاھىيىتىنى ئەستايدىل تەكشۈرۇپ، ۋاقتىدا ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئىلىكتىرونلۇق رۇيخەتكە ئالىدۇ. يېڭى ئوقۇغۇچىلار تېزىمغا ئالدۇرغاندا ئىشىلىتىدىغان قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى، كىملىك، نوپۇس يۆتكەش ئىسپاتى، ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇپ بېرىش سالاھىيەت ئىسپاتى قاتارلىق ماتېرىياللار ۋە ئوقۇغۇچىنىڭ قەغەز ئارخىپى، قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسمى، ئىلىكتىرونلۇق ئارخىپى بىرمۇ بىر سېلىشتۇرۇلۇپقاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ. مەسىلە بار دەپ گۇمان قىلىنغان ئۇچۇرلار ئۆلكە دەرىجىلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى بىلەن ئەستايدىل تەكشۈرۈلۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. ساختىلىق قىلغان، شەخسى غەرەز بىلەن كۆز بۇيامچىلىق قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش سالاھىيتىنى قولغا كەلتۈرگەن، قوبۇل قىلىنىش سالاھىيىتى ياكى باشقىلارنىڭ نامىنى سېتىپ مەكتەپكە كىرگەن يېڭى ئوقۇغۇچىلار، بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىۋەتلىك سالاھىيەت كىملىكىنى ئاشكارلىمىغان يېڭى ئوقۇغۇچىلار، پىلانلىق قوبۇل قىلىنىشى تەكشۈرۈپ تەستىقلانمىغان يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكى بىردەك ئىلىكتىرۇنلۇق رويخەتكە ئېلىنمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر