باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ بوران بىلەن كۆرۈشتى

2014.08.29 09:44        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 27-ئاۋغۇست خەلق سارىيدا ئانتىگۇاۋ ۋە باربودا باش مىنىستىرى بىروۋىن بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئانتىگۇاۋ ۋە باربودا كۆپلىگەن مەسىلىلەردە جۇڭگونى قوللاشتا چىڭ تۇرۇپ كەلدى، بىز ئانتىگۇاۋ ۋە باربۇدادەك بۇنداق ياخشى دوستىمىز بىلەن ئالاقىلىشىشنى خالايمىز. جۇڭگو بىلەن ئانتىگۇاۋ ۋە باربۇدا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىسلاھاتى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قاتارلىق زور مەسىلىلەردە كەڭ ئورتاق پىكىرگە ئىگە، ئىككى تەرەپ داۋاملىق بىر بىرنى قوللاپ، يېقىندىن ماسلىشىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغدىشى كېرەك .

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن ئايدا، بىز بىرازىلىيەدە بىرلىكتە جۇڭگو لاتىن ئامېرىكىسى رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قىتىملىق باشلىقلار ئۇچرىشىشغا قاتنىشىپ، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناىسۋىتىنى ئورنىتىشنى ۋە جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى ئورتاق گەۋدسى مۇنبىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئىسپاتلىدۇق. جۇڭگو ئانتىگۇاۋ ۋە باربۇدا بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرىنى ياخشى قۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن كارىپ دېڭىز مۇناسىۋىتىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئومۇمىيۇزلۇك ھەمكارلىقىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.

  بىروۋىن مۇنداق دېدى: ئانتىگۇاۋ ۋە باربۇدا بىلەن جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىدا ناھايىتى زور پەرق بار، بىراق ئىككى دۆلەت باراۋەرلىكتە ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا پۇختا دوستلۇقنى ۋە ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇردى، ئانتىگۇاۋ ۋە باربۇدا بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى چوڭ-كىچىك دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. ئانتىگۇاۋ ۋە باربۇدا جۇڭگونىڭ قىممەتلىك قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ، جۇڭگوغا قاراتقان دوستانە سىياسىتىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە ۋە زور كۆڭۈل بىلىدىغان مەسلىلىرىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە جۇڭگونى قوللاشتا چىڭ تۇرىدۇ. ھەمدە جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئانتىگۇاۋ ۋە باربۇدانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر