باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10-سانلىق يىغىنى بىرلەشمە يىغىن ئاچتى

2014.09.01 09:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10-سانلىق يىغىنى 30-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا بىرلەشمە يىغىن ئېچىپ، گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىي تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەت فۇنكسىيىسىدە بۇرۇلۇش ياساشنى تىزلىتىش خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى قاراپ چىقىشقا بىرلەشتۈرۈپ مەخسۇس تېمىدا مەسلىھەت بەردى.

  27-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىندا گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىي تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش،ھۆكۈمەت فۇنكسىيىسىدە بۇرۇلۇش ياساشنى تىزلىتىش خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. 28-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن يىغىندا گۇرۇپپىلار بويىچە دوكلاتقا قاراپ چىقىلدى. قاراپ چىقىش داۋامىدا كۆپچىلىك مۇنداق دەپ قارىدى: گوۋۇيۈەن پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەستىقلىغان گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋە فۇنكسىيىدە بۇرۇلۇش ياساش لايىھىسىدە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى ئىخچاملاش، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، ھۆكۈمەت فۇنكسىيىسىدە بۇرۇلۇش ياساشنى تىزلىتىش بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم ئىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھازىر زور باسقۇچلۇق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  كۆپچىلىك مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى قىسقارتىش ۋە ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنىڭ ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىش ئوتتۇرىسى ۋە ئاخىرىدىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرىنى تىزلىتىپ، ئالاقىدار خىزمەت مېخانىزمى ۋە شەكلىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.كېيىنكى باسقۇچتا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋەزىپىسى يەنىلا بىر قەدەر ئېغىر.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر