باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش ۋاقتىنى 24 سائەت ئۇزارتىشقا قوشۇلدى

2014.08.20 09:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مىسىر ھۆكۈمەت تەرەپ ئاگېنتىلىقى بولغان ئوتتۇرا شەرق ئاگېنتىلىقىنىڭ 18-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە: پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، شۇ كۈنى غەززەدە ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش ۋاقتىنى 24 سائەت ئۇزارتىشقا قوشۇلغان.


  مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتنىشىۋاتقان پەلەستىن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مەسئۇلى ئەزىم ئەخمەت، پەلەستىن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئىسرائىلىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ۋاستىلىق سۆھبەتنى تاماملاش ئۈچۈن، ئۇرۇش توختىتىش ۋاقتىنى 24 سائەت ئۇزارتىشقا قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.


  مىسىر ھۆكۈمەت تەرەپ تارتقۇسى بولغان ئەلئېھرام گېزىتى تور بېكىتىدە بىر خەۋەردەر ئەربابنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىنىشىچە: يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەتنىڭ مەزمۇنى غەززە ئايرودرومى ۋە پورتى قاتارلىق پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى بولغان خاماسنىڭ تەلىپىگە چېتىلىدىكەن، مسىىر بولسا، ئىسرائىلىيەنى غەززە رايونى بىلەن ئىسرائىلىيە تۇتۇشۇپ تۇرىدىغان بەش چېگرا ئېغىزىنى ئېچىۋېتىشكە كۆندۈرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر