باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى كەسپىي سالاھىيەت بېكىتىشنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلدى

2014.08.19 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، كەسپىي سالاھىيەت ئىجازىتى ۋە بېكىتىشنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەمۇرىي ئىجازەت قانۇنى ۋە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، گوۋۇيۈەن تارماقلىرى تەسىس قىلغان قانۇن-نىزام ياكى گوۋۇيۈەننىڭ قارارى ئاساس قىلىنمىغان ئىجازەتلىك كەسپىي سالاھىيەتلەرنى بىكار قىلىش لازىم؛ گوۋۇيۈەن تارماقلىرى تەسىس قىلىپ يولغا قويغان قانۇن-نىزام ئاساسى بار ئىجازەتلىك كەسپىي سالاھىيەتلەردىن دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ئاممىۋىي بىخەتەرلىك، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بولمىغان ياكى كەسپىي سالاھىيەت ئۇسۇلى ئارقىلىق باشقۇرۇش پايدىسىز بولغانلىرىنى تەرتىپ بويىچە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئىتلىماس قىلغاندىن كېيىن كېيىن بىكار قىلىش كېرەك؛ گوۋۇيۈەن تارماقلىرى ۋە مەملىكەت خاراكتېرلىك ساھە جەمئىيەتلىرى، ئىلمىي جەمئىيەتلەر تەسىس قىلغان سەۋىيە باھالاش تۈرىدىكى كەسپىي سالاھىيەتلەردىن ساقلاپ قىلىش زۆرۈرىيىتى بارلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن دۆلەتنىڭ بىرتۇتاش باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك؛ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئۆز ئالدىغا تەسىس قىلغان كەسپىي سالاھىيەتلەرنى بىكار قىلىش لازىم.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر