- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى تەبرىكلەندى
2014.08.19 15:29 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18-ئاۋغۇست، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى « چېگرا بوستانلىقى» غۇلجا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 60 يىلدىن بۇيان، ئىلىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشقان. 2013-يىلى ئوبلاستنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 143 مىليارد 930 مىليون يۈەن بولۇپ، 1954-يىلدىكىدىن 119 ھەسسە ئاشقان؛ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي مىقدارى 30 مىڭ 710 يۈەن بولۇپ، 1654-يىلدىكىدىن 20 ھەسسە ئاشقان. ئىلىنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك ئىستىھكاملىق رولى كۆرنەرلىك كۈچىيىپ، «يىپەك يولى» شىمالىي لىنىيەسى ھاياتىي كۈچكە تولغان. ئىلىدىكى 4 مىليون 710 مىڭ ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسكەن.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر