ۋېنچۈەندىن لۇديەنگىچە، جۇڭگو مىللىتى نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەتكە ۋە ھاسىلاتقا ئىگە بولدى. جۇڭگو-چەت ئەل تاراتقۇلىرى ۋە تور ئەھلى: ھېچقانداق دۆلەت، ھېچقانداق پارتىيە جۇڭگونىڭ پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭكىدەك ئاپەتكە ئۇچرىغاندا قۇتقۇزۇشقا تەشكىللەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ئەمەس، مانا بۇ خەلقنىڭ ھۆكۈمىتى، مانا بۇ خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزىغان پارتىيە دەپ تەرىپلىدى. لۇديەندىكى ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىشتە زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ راست گەپ قىلغانلىقىنى ئۈچ قېتىم ماختىغانلىقى مېنى ئەڭ تەسىرلەندۈردى. پارتىيەلىك كادىرلار ئارىسىدا يولداشلارچە چۈشىنىشنى، ئامما بىلەن پارتىيەلىك كادىرلار ئارىسىدا قېرىنداشلارچە ئىشىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بارچە خەلقنى پارتىيە ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەشەببۇس قىلغان تۆت خاھىشقا قارشى تۇرۇش پارتىيە مىقياسىدا ئومۇمىي ئېقىمغا ئايلىنىدۇ، ھەرقانداق قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇدىنمۇ غالىب كېلەلەيمىز.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى