باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ موڭغۇلىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى دۆلەت جۇڭگو-چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى

2014.08.19 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 18-ئاۋغۇست دۆلەت جۇڭگو-چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى، دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى ليۇ جيەنچاۋ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ موڭغۇلىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە ئائىت ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. ليۇ جيەنچاۋ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە قۇرۇقلۇق چېگراسى ئەڭ ئۇزۇن بولغان قوشنا دۆلەتلەردۇر. موڭغۇلىيە يېڭى جۇڭگو بىلەن ئەڭ بالدۇر دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناق دۆلەتلەرنىڭ بىرى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 65 يىلدىن بۇيان، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق ئىزچىل ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى ئاساسىي ئېقىم بولۇپ كەلدى. بولۇپمۇ ئۆتكەن 20 يىلدىن بۇيان، «جۇڭگو-موڭغۇلىيە دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى كېلىمىشى» روھىنىڭ يېتەكلىشىدە، جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتى قەدەممۇقەدەم ئىلگىرىلەپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئەتراپ دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ موڭغۇلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە قارىتىلغان ئەۋزەل يۆنىلىشىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. نۆۋەتتە، جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىي ئوڭۇشلۇق، ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلاملىرىنىڭ باردى-كەلدىسى قويۇق بولۇۋاتىدۇ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشەنچ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، سودا-ئىقتىساد جەھەتتىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، ئادىمىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاقە كۈچىيىۋاتىدۇ. كۆپ يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو موڭغۇلىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تاشقى سودا شېرىكى ۋە مەبلەغ سالغۇچى دۆلەتلىك ئورنىنى ساقلاپ كەلدى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر