23- نۆۋەتلىك جۇڭگو «يىپەك يولى» تۇرپان ئۈزۈم بايرىمى 20- ئاۋغۇست تۇرپان شەھىرىدە باشلاندى،ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ئۈزۈم بايرىمى 9- ئاينىڭ 5- كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ،بۇ نۆۋەتلىك ئۈزۈم بايرىمىدا تۇرپاننىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىكى بىرلەشتۈرۈلگەن ئاساستا چوڭ تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەر ياقتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە گۈللەنگەن، باي، ئىناق تۇرپان نامايان قىلىنىدىكەن.