باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى يولداش دىڭ شاۋپىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلىدى

2014.08.21 11:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى 20-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، يولداش دىڭ شاۋپىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى.

  لى كېچياڭ، جاڭ دېجاڭ، يۈ جىڭشىڭ، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، لىيۇ يۈنشەن سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  مەركەز ھۆججەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لېڭ رۇڭ، مەركەز پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چۈ چىڭشيەن، مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئازاتلىق ئارمىيە باش سىياسى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ ياڭ، سچۇەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ دۇڭمىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سۆز قىلىپ، يولداش دېڭ شاۋپىڭنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىسىنى چوڭقۇر ياد ئەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر